Uyghur主要词典
ئوتو لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
فاشىستلر گېرمانىيىسىنىڭ ئاۋسترىيىنى بېسىۋېلىش ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. ھابىسبۇرگ پادىشاھ جەمەتى ئوتونىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئاۋسترىيە كورۇللۇق تەختىنىڭ ياش، ئېھتىمالدىكى ۋارىسى بولۇپ، شۇ چاغدا بېلگىيىدە تۇراتتى. 1937 - يىلى 6 - ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بلومبېرگ گىتلېرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ۋېنانى ئومۇمى نىشان قىلىپ بېكىتىپ يۈرۈش قىلىش، ھەرقانداق قارشىلىقلارنى تارمار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1938 - يىل 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گىتلېر ئوتو ھەرىكەت لايىھىسى توغرىسىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ئەتىسى تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئارمىيىسى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئاۋسترىيىنى بېسىۋالغان.