Uyghur主要词典
ئوشۇقچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلىك چەكتىن ئاشقان.
ئۆلۈك داۋلى زىيادە سۆزلەنسە، توغرا سۆزمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇقچە ئامراقلىق ئادەمگە زىيانلىق. تەۋەككۈلنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق. ئوشۇق دۆلەت باشقا تاج بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. بىكاردىن - بىكار، ئارتۇقچە، ھەددىدىن كۆپ، ئەھمىيەتسىزلا.
ئوشۇقچە ئاۋارە بولماق.
سۈپ. لازىمى يوق، بىھۇدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئەھمىيەتسىز، قىممەتسىز.
مەن بۇ ئۆيدە ئوشۇقچە ئادەمدەك قىسىلىشقا باشلىدىم.
سۈپ. نورمىدىن ئارتۇق، ئېشىپ قالغان، ئارتۇق.
ئوشۇقچە كۈچنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەرگە سەرپ قىلىندى.