Uyghur主要词典
ئوشۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. پۇتنىڭ پاقالچەك بىلەن تۇتاشقان يېرىدىكى دۇمباق چىقىپ تۇرغان سۆڭىكى.
پۇتنىڭ ئوشۇقى چىقىپ كەتمەك.* ئىنتىلگەن ئەرگە دەريا ئوشۇشقىغا كەلمەس (ماقال). * ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىشۇر (ماقال).
2. ھايۋاننىڭ ئارقا پۇتىدا سان بىلەن بالدىرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان سۆڭەكچە. ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئويۇن ئوينىلىدۇ. تۆت ئوشۇق ئوينىماق. * ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك. * ئوشۇق يا پوككا، يا چىككا چۈشسۇ.ن
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئوشۇقچە. ئوشۇق بېلەت، ئوشۇق چىقىم. * پۇلنىڭ ئوشۇقىنى قايتۇرۇپ بەر.* ئوشۇق دۇنيا باش يارماس (ماقال). * بۇ بالا ئوشۇق - تۆشۈك گېپى يوق ئوبدان بالىكەن. * بۈگۈنكى مەجلىسكە 50 تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلىك چەكتىن ئاشقان.
ئۆلۈك داۋلى زىيادە سۆزلەنسە، توغرا سۆزمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇقچە ئامراقلىق ئادەمگە زىيانلىق. تەۋەككۈلنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق. ئوشۇق دۆلەت باشقا تاج بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ ۋ
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوي - ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئارقا پۇتىنىڭ تىزىسىنىڭ بوغۇنىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى سۆڭەك. بۇنداق سۆڭەكتىن ھەر خىل ئويۇن ئوينىلىدۇ.
ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك. ئوشۇق ئويناش شۇ كۈنلەردە ئۆزلۈكىدىن قېپقالدى. چۆكىنى چايدىن كېيىن ئوينا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلچەمدىن، مۆلچەرگە نىسبەتەن ئېشىپ كەتكەن.
كەم
ئۆلچەمگە، مۆلچەرگە نىسبەتەن يەتمەي قالغان.
ئارتۇقىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل. ئارتۇق ئۇخلىساڭ، ئاچ قالىسەن. قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق. ئوشۇق ئاش باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. تاماقنى زىيادە يېيىش - تەنگە زىيانلىق. كەم چىققان پۇلغا جاۋابكار تېپىلمايدۇ. كەم بولسا بولسۇن، زىيادە بولمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەلگىلىك مىقدار ۋە ساندىن كۆپ، زىيادە، ئارتۇق.
بازاردا شۇنچە تۇتۇپ باقتىم، پىيمىنى زادى يەتتە كويدىن ئوشۇق سورىمىدى.
ئېھتياجدىن، نورمىدىن ئاشقان؛ ئارتۇقچە، بىھۇدە، ئېشىپ كەتكەن.
ئوشۇق چىقىم. ئوشۇق گەپ.
پاتەم ئوڭايسىزلىنىشقا، ئۆزىنى ئوشۇق ھېس قىلىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇتنىڭ پاقالچاق سۆڭىكى بىلەن تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان، ئوڭ - سول ئىككى تەرەپكە بۆرتۈپ چىققان سۆڭەك.
شۇ قېتىمقى جەڭدە يەر بېغىرلاپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چېقىۋەتكەنىدى.
قوي، كالا قاتارلىقلارنىڭ پاچىقى بىلەن سانىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان كىچىك سۆڭەك، ئادەتتە ئۇ قىمارۋازلارنىڭ قىمار قورالىمۇ قىلىنىدۇ.