ئوشۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پۇتنىڭ پاقالچاق سۆڭىكى بىلەن تۆۋەنكى قىسمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان، ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە بۆرتۈپ چىققان سۆڭەك:[مىسال:] شۇ قېتىمقى جەڭدە يەر بېغىرلاپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چېقىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ پاچىقى بىلەن سانىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىك سۆڭەك، ئادەتتە ئۇ قىمارۋازلارنىڭ قىمار قورالىمۇ قىلىنىدۇ.