Uyghur主要词典
ئونېل
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1953)، ئامېرىكىلىق دراماتورگ. ئارتىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇغان. كان ئىشچىسى، ماتروس بولۇپ جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغان. كېيىن مۇخبىر بولغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى بىر پەردىلىك تىياتىر بولۇپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان دېڭىز تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: <شەرق كاردىفقا سەپەر>، <ئۇپۇق سىرتىدا>. كېيىنكى ئىجادىيىتىدە سوژېت كۈنسايىن كېڭىيىپ بارغان: ئىرقىي كەمسىتىشنى پاش قىلىدىغان سەھنە ئەسىرى <ئىمپېراتور جونىس>، <تەڭرى پەرزەنتلىرىنىڭ قانىتى بار>؛ كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي نەپسى ۋە ئىگىلىۋېلىش نەپسىنىڭ تراگېدىيىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن <قارىياغاچنىڭ ئۈلپىتى>، <ئاجايىپ قىستۇرما>، <قايغۇلۇق تەزىيە>؛ تۆۋەنكى قاتلامنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن <سۇ توشۇغۇچى كەلدى>؛ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك سەھنە ئەسىرى <كېچە ئۇزۇن، يول يىراق> قاتارلىقلار. ئۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆپىنچە ئىپادىچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئېچىپ بەرگەن. 1936 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.