Uyghur主要词典
ئو ھىگىنىس
دۇنيا تارىخى
(1778 - 1842) چىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چىللاندا باي پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلىق دەۋرىدە پېرو، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيىدە ئوقۇغان، مىراندا قاتارلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتى رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشقان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1810 - يىلى چىلىنىڭ ئىسپانىينىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1813 - يىلى قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1814 - يىلى ئىچكى سۈركىلىش تۈپەيلىدىن رانكاگۇادا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، قالغان قىسىملىرىنى باشلاپ ئارگېنتىناغا چېكىنىپ، سان مارتېن تەشكىللىگەن ئاندېس ئارمىيىسىگە قوشۇلغان. كېيىن قوشۇننى باشلاپ چىلىغا كىرىپ، سان مارتېننىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ چاكابوكو (1817) ۋە (1818) جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازانغان. 1818 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چىلى مۇستەقىللىك جاكارلاپ، <ئالىي تەپتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارى> بولۇپ سايلانغان (1818 - 1823). ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە جامائەت قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان، چېركاۋنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىگەن ھەمدە باشقا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان. بۇلار، مۇتەئەسسىپ پومېشچىكلار ۋە چېركاۋنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1823 - يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىپ پېروغا كەتكەن.