Uyghur主要词典
ئوھۇد غازىتى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مەككىنىڭ ئاقسۆڭەك باي سودىگەرلىرى بەدر غازىتىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قىساس ئېلىش ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىلادى 625 - يىلى ئەبۇ سۇفياننىڭ قوماندانلىقىدا 3000 كىشىنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئۇلار مەدىنىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئوھۇد جىلغىسىدا مۇسۇلمانلاردىن 1000 كىشى بىلەن جەڭ قىلغان. ئۇرۇش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەككىلىكلەر يېڭىلىپ شىمالغا چېكىنگەن، لېكىن تاغ ئۈستىدە ئىستىھكام ساقلاپ تۇرغان مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلماي، ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈپ قوغلىغان. مەككىلىكلەرنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئارقا تەرەپتىن تاغ چوققىسىنى قورشىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنى مەغلۇپ قىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يۈزى يارىلانغان، لېكىن مەككىلىكلەر مەدىنە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماي، ئەتىسى چېكىنىپ كەتكەن.