Uyghur主要词典
ئويۇن
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. خەلق ئاممىسى ئىچىدە شۇ خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ھەر خىل ئويۇنلىرى ( سەيلە _ تاماشا قاتارلقلار ) بار. بۇ ئويۇنلار خەلقنىڭ سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەقىل _ پاراسىتى ۋە ئېستېتىك تۇيغۇلىرى سىڭىپ كەتكەن. مەسىلەن: « پوتا سېلىش » ئويۇنىنى ( مىلىس ) ئالساق، شەرقىي شىنجاڭدىكى خەلقلەر ئىچىگە كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭدا يەرلىك تۈس ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك. دېھقانلار ئىشتىن يانغاندا، بوش ۋاقىتلاردا ئورمان، باغلاردا بۇ خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوشۇرۇن ھىيلە - مىكىر بار.
بۇ ئىشتا بىر ئويۇن بار، دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قارا، سۆزىگە ئىشەنمە، بۇ يەردە بىر جىن بار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئويۇن.
1 - 115
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن مەشغۇلات، ھەرىكەت.
ئويۇننىڭ ئېزى ياخشى (ماقال).
ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش، بەسلىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان، بەلگىلىك قائىدە - تەرتىپلەر ئاساسىدا بولىدىغان تۈرلۈك مەشغۇلات، پائالىيەت.
ئۇنىڭ دوستلىرى دائىم دېگۈدەك <تاش تەرمە>، <توپ چاكىم> دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينايتتى.
كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن زوق بېرىدىغان، توپلانغان تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا - ئۇسسۇل، چېلىشىشقا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى.
ئويۇن كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئۇلارنى كۆرۈپلا دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
كۆڭۈل ياساپ ياكى قىزىقچىلىق قىلىپ قىلىنغان گەپ - سۆز ياكى ھەرىكەت، چاقچاق، ھەزىل.
ئويۇن قىلماق. - * بۇ ئويۇن ئەمەس! راست شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، - دېدى ئۇ رەنجىگەندەك قىلىپ.
كۆچمە. ئاسان، ناھايىتى ئوڭاي ئىش، تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدىكى ھەرىكەت - پائالىيەت.
مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن (ماقال).
كۆچمە. مەلۇم بىر تەرەپكە قارشى بەلگىلىك دەرىجىدە مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن پائالىيەت، ھىيلە - مىكىر، نەيرەڭ، سۇيىقەست.
ھەقىقەتتە بولسا تاغدىن مەرگەن توپلاپ ئەۋەتىش تۆمۈر خەلپىنىڭ ئويۇنى ئىدى.