Uyghur主要词典
ئويۇنچۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى بالىلار ئوينايدىغان ھەر خىل نەرسىلەر. بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە: ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولمىغان بىراۋلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ھوقۇقسىز.
ۋاڭ جېڭۋېي قۇرچاق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ نەپرىتىگە قالدى. ھاياتىڭدا ئۇيۇنچۇق بولما، ئاچقۇچ بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالىلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن ياسالغان ھەر خىل شەكىلدىكى نەرسە، بۇيۇم.
بۇ قىزچاق مومىسىنىڭ ئازابلىرىدىن خەۋەرسىز، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتى.
كۆچمە. بىراۋنىڭ ئارزۇسىنى سۆزسىز ئىجرا قىلىدىغان، نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدىغان كىشى، قورچاق.
سىز ئاللىقاچان باشلىقىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟