Uyghur主要词典
ئوينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئويۇن - تاماشا قىلىپ يۈرمەك.
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە. جىم ياتقان ئىتقا چېقىلما. ئويناۋاتقان بالىغا، تاماشا قىلغانغا باج يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئارام ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن مەلىكە بولۇپ ۋاقىتنى ئويۇن - كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزمەك؛ ئەركىن ھالدا ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىپ كۆڭۈل ئاچماق.
قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق (ماقال).
كۆڭلۈڭ رەنجىسە، كۈلۈپ ئوينا (ماقال).
ئۇسسۇل، تانسا، ھەر خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بېجىرمەك.
تۆگە ئۇسسۇل ئوينىسا، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار (ماقال).
سەھنە ئەسەرلىرى ياكى ئالدىن بەلگىلەنگەن بىرەر ئىش - ھەرىكەتتە مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالماق، شۇنىڭ رولىدا چىقماق.
ئۇ بۇ درامىدا قازىنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى.
شوخ، يېقىملىق ھەرىكەتلەنمەك؛ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك قىلىق - ھەرىكەتلەرنى قىلماق.
تاشۋاينىڭ بارماقلىرى راۋاب پەدىلىرى ئۈستىدە ئوينايتتى.
بىرەر نەرسىنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەزالار بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرمەك، مىدىرلاتماق.
ئۇ گەپ قىلماستىن چېچىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ يەرگە قاراپ تۇراتتى.
كۆچمە. ئۇرغۇماق، مەۋج ئۇرماق، كۈۋەجىمەك.
ۋۇجۇدىمىز گاڭ پولات، غەيرەت دېگەن يۈرەكتە. غەيرەت بولغاچ يۈرەكتە، كۈچ ئوينايدۇ بىلەكتە.
كۆچمە. ئەكس ئەتمەك، جىلۋە قىلماق، ئىپادىلەنمەك.
ئەنۋەر بىردىنلا جانلىنىپ لەۋلىرىدە كۈلكە ئوينىدى.
كۆچمە. يات جىنىستىكىلەر بىلەن خۇپىيانە ھالدا بىللە بولماق، يوشۇرۇن ئۇچرىشىپ كۆڭۈل ئاچماق، شەھۋانىي قىلىق - ھەرىكەتلەرنى قىلماق.
ئۇ بىر دېدەكنى ئويناپ قويۇپ، دېدەكنىڭ بويىدا قالغاندىن كېيىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغان.