Uyghur主要词典
ئۆزلۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۆز خۇسۇسىيىتى، ئۆز پايدىسى؛ خۇسۇسىيەت:
خەلايىق ئارزۇيى جەننەتۇل مەئۋا ئۈچۈن كۆيسە،
زەلىلى ئۆزلۈكىنى فى سەبىلىلاھ كۆيدۈردى.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مەنىلىك؛ خۇسۇسىيەت. شئېىردا مۇنداق كەلگەن: تاشلاپ ئۆزلۈكنى زەلىلى سەن فەنا يولىغە كىر، چۇن مۇشەققەتدۇر سەفەر ئۆزرە سەبۇكبار ئولماسا. (زەلىلى)
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆزلۈك، خۇسۇسىي، ئۆزىگە خاس ئات.
ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ھەرقانداق نەرسىسىگىمۇ مۇشۇ سۆز قوللىنىلىدۇ.
3 - 595
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتى، تەبىئىي ھالىتى، ۋۇجۇدى ۋە بارلىقىغا ئائىت؛ ئۆزىگە خاس.
<تىل> ئىش ھەرىكەت باشقا بىرىگە ئۆتمەي، بەلكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە چۈشىدىغان، تەۋە بولىدىغان.
ئۆزلۈك ئالماش. ئۆزلۈك دەرىجە.
بىر - بىرىگە يېپىشىپ، بىر - بىرىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرىدىغان، بولۇشى بار (خېمىر، لاي ۋە ئۇن قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۆزلۈك ئۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۆزلۈكى كۈچلۈك بولغان؛ قولى كەڭ كۆپ نەرسە بېرىدىغان كىشى.