ئۆزلەش[يەشمىسى:][CRLF][CRLF][CRLF][CRLF]قالماق، ناھايىتى ئىناق، يېقىن بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] شائىر دۇكاندارنىڭ سەمىمىي پۇزىتسىيىسىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزلىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② يەرلىشىپ قالماق، سىڭىشمەك:[مىسال:] ئۇ ھاردۇقى چىقىپ ئۆزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئېڭىغا كىرمەك، مېڭىسىگە ئورناشماق، چۈشىنەرلىك بولماق؛ سىڭمەك، سىڭىپ كىرمەك:[مىسال:] دەرس ئۆزلەشمەك. * ئىسلام ۋاسىتىسى بىلەن تىلىمىزغا نۇرغۇنلىغان ئۆۆزىنىڭكىدەك بولۇپ كەتمەك، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشماق، سىڭىشمەك:[مىسال:] گۈلقىزنىڭ ئەسلىي ئېتى گۈلسۈمئاي ئىدى. ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بىر بالا بولغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۇنى «گۈلقىز» دەپ ئەركىلىتىپ، بۇ ئىسىم ئۆزلىشىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كۈچ قىلماق، قۇۋۋەت بولماق، سىڭمەك:[مىسال:] بەزى تائاملار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسىمۇ، لېكىن بەدەنگە ئۆزلىشىدىغان قىسمى ئاز، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈنۈمدارلىقى ئېشىپ مۇنبەتلەشمەك. دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىقلاشماق (بوز يەر ھەققىدە):[مىسال:] يەر ئۆزلىشىپ قاپتۇ. * ئۈچ يىلدىن بېرى يېزىمىزدا 100 مو بوز يەر ئۆزلەشتى.[يەشمىسى:] ⑦ تاۋلانماق (يەر ھەققىدە):[مىسال:] باھار ئەتىگىنى. ئوسىسى تازا ئۆزلىشىپ قالغان چوڭ بىرپارچە سالا ئېتىزدا يەنە بىر كۈنلۈك جۇشقۇن ھايات باشلاندى.