Uyghur←Chinese主要词典
ئىمپېراتور
ئۇنىۋېرسال
帝王
dì wáng
دۇنيا تارىخى
英白拉多
yīng bái lā duō
لاتىنچە imperator نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <بۇيرۇق بەرگۈچى> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى رىم باش قوماندانلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى. <بۈيۈك سەركەردە> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھەربىي باش قوماندانلار (كۆپىنچىسى كونسۇل) نىڭ سىرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغانلىرى بۇ شەرەپ ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان (ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقىچە). ئاۋگۇست (ئوكتاۋىيان) پادىشاھلىق تۈزۈم ئورنىتىپ، ئىمپېراتورنى رىم پادىشاھلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان نامىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى بەھرىمەن بولغاچقا، <پادىشاھ> دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرگەن. غەرب يېزىقلىرىدىكى <كورۇل> دېگەن سۆز كۆپىنچە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن: ئىنگلىزچە emperor فرانسۇزچە emperour قاتارلىقلار.