Uyghur←Chinese主要词典
ئىمپېراتور سىنمېئون
دۇنيا تارىخى
西蒙大帝
xī méng dà dì
(تەخمىنەن 864 - 927) تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش كىنەزى (898 - 927)، چار پادىشاھ (919 - 927). بورىس Ⅰ نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 592 - يىلى ئۆزىنى <بۇلغارىيىلىكلەر بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ پادىشاھى> دەپ ئاتىغان. تەختتىكى مەزگىلدە، بۇلغارىيىدىكى ئەركىن دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يانچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، فېئوداللىق تۈزۈم ئاساسەن شەكىللەنگەن. سىرتقا قارىتا، ۋىزانتىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىيىنىڭ كۆپ قىسمى، ئالبانىيە، ماكېدونىيە ۋە فراكىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىۋلغان، ھەتتا بىر مەھەل ۋىزانتىيىنى ئۆزىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور قىلغان؛ لېكىن دۇناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن ۋېنگىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى سلاۋىيان يېزىقىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ يىلمۇ يىل داۋاملىشىشى ئارقىسىدا، سىنىپىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.