Chinese→Uyghur主要词典
伊凡一世
دۇنيا تارىخى
ئىۋان Ⅰ
(؟ - 1340) موسكۋا كىنەزى (1325 - 1340) ۋلادىمىر باش كىنەزى (1328 - 1340). خەلقنى بۇلاپ - تالاپ بېيىغانلىقتىن، خالتا (ھەمياننىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى) دەپ لەقەم ئالغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پۇل ۋە مال - مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ، چېركاۋ جەمئىيەت ۋە مېتىروپولىيە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، موسكۋا كىنەزلىكىنى باشقا خان ـ بەگلەردى ئۈستۈن قويغان. پارا بېرىپ سېتىۋېلىش ياكى قوراللىق بېسىۋېلىش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زېمىنىنى كېڭەيتكەن، 1327 - يىلى تۋېردا موڭغۇللارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا خەۋەر يەتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، موڭغۇللار قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1328 - يىلى كۈچلۈك رەقىبى تۋېر كىنەزلىكىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ۋلادىمىرنىڭ باش كىنەزى قىلىپ تەيىنلەنگەن ھەمدە موڭغۇللارغا ۋەكالىتەن پۈتۈن روسىيىدىن باج - سېلىق يىغىدىغان بولغان، بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرىدىن نەپ ئالغان ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روسىيە ئارخېئېپىسكوپىنى ۋلادىمىردىن موسكۋاغا يۆتكەپ كېلىپ، سىياسىي تۈۋرۈك قىلىپ، موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ دىن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئىۋان Ⅰ نىڭ ھۆكۈمرانلىقى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئۇ ئۆلگەندە موسكۋا كىنەزلىكى روسىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كىنەزلىككە ئايلانغان.