Chinese→Uyghur主要词典
伊凡四世
دۇنيا تارىخى
ئىۋان Ⅳ
(1584 - 1530) موسكۋا ۋە پۈتۈن روسىيە باش كىنەزى (1533 - 1584). روسىيە چار پادىشاھى (1547 - 1584). دادىسى ۋاسىلىي Ⅲ ئۆلگەندىن كېيىن تەختتكە چىققان، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت تالىشىپ، موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىنى <خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى> دەۋرىگ كىرگۈزۈپ قويغان، 1547 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تاج كىيىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىدىغان <ئۈچىنچى رىم ئىمپېرىيىسى> نى قۇرۇپ چىقىمەن دەپ جار سېلىپ، پۈتۈن روسىيىنىڭ مۇستەبىتكە ئايلىنىپ قالغان. موسكۋا خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1550 - 1556 - يىللاردا كىنەزلىكلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا - كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، ئەدلىيە، مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پومېشچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارنى قۇل قىلىشىنى قوللىغان. 1565 - يىلى چار پادىشاھقا قاراشلىق ئالاھىدە رايونلارنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە خەلقنى دەشەتلىك باستۇرغانلىقتىن <چاقماق ئىمپېراتور> دەپ نام ئالغان. شەرققە قاراپ كېڭىيىپ تاتارلارنىڭ قازان (1552) ۋە ئاستىراخان (1556) خانلىقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ۋولگا دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن. ئارقىدىنلا غەربكە قاراپ كېڭىيىپ، شۋېتسىيە، دانىيە، پولشا ۋە لىتۋا بىلەن بالتىق دېڭىزىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تالىشىپ، لىۋونىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ (1558 - 1583) يېڭىلگەن. 1563 - يىلى ئۆزىنى <پۈتۈن سىبىرىيە پادىشاھى> دەپ ئاتىغان، چوڭ پومېشچىك، تۇز سودىگىرى سىتروگانوۋ ئائىلىسىگە ھوقۇق بېرىپ، ياللانما ئەسكەر ئېلىپ، پىلە قۇرتىدەك يېيىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بارا - بارا سىبىرىيىگە قاراپ كېڭەيگەن. 1581 - يىلى كەسپىي باندىت ئېرماك تېموفېيېۋىچ (؟ - 1585) ئۇيۇشتۇرغان كازاكلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى قوبۇل قىلىپ، سىبىر خاندانلىقىنىڭ پايتەختى سىبىرنى ئىشغال قىلغان. 1584 - يىلىغا كەلگەندە يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى سىبىر خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئىۋان Ⅳ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، روسىيە سىرتقا كېڭىيىش يولىغا ماڭغان.