Chinese→Uyghur主要词典
伊凡三世
دۇنيا تارىخى
ئىۋان Ⅲ
(1440 - 1505) ئىمپېراتور ئىۋان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موسكۋا باش كىنەزى (1505 - 1462). ۋاسلىي Ⅱ نىڭ ئوغلى ھەم ۋارىسى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن ياروسلاۋ (1463)، روستوۋ (1474)، نوۋگورۇد (1478) تۋېر (1485) قاتارلىق كىنەزلىكەرنى قوشۇۋېلىپ، رەزاننى تەسلىم قىلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇۋالغان (1485). پىسكوۋ كىنەزلىكىدىن باشقا، شەرقىي شىمال روسىيە ئومۇمەن ئۇنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن روسىيە دۆلىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن. زېمىنى غەربىي شىمالدا نوۋگورودقا، شەرقىي شىمالدا ۋياتكا دەرياسى ۋادىسىغا تۇتاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەريرىي رۇسلار ئولتۇراقلاشقان. رايونلارنى ئۈزلۈكسىز بويسۇندۇرغان. 1472 - يىلى چوڭ پېرىم رايونىنى قوشۇۋالغان. 1480 - يىلى، قوشۇن باشلاپ چىقىپ، باستۇرۇپ كىرگەن موڭغۇل قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئوكا دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئوگرا دەرياسىنىڭ بويىدا يەتتە ئاي تىركەشكەن. موڭغۇللار ياردەمچى قوشۇنىنىڭ يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشى ۋە ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبور بولغان. مۇشۇ مەزگىلگە كەلگەندىلا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ روسىيىدە ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن. 1500 - يىلى ئورال تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقتىكى يۇگورىسكىي رايونىنى بويسۇندۇرغان. كېيىن يەنە لىۋونىيە، لىتۋا قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، غەربىي جەنۇب ۋە بالتىق دېڭىزى تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەن. ئىچكى جەھەتتە، فېئودال - بەگلىكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويۇپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل دۆلەت ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ چىققان؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن قانۇن (1497) ۋە يېڭى مەركىزىي ھەم يەرلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇستەبىت تۈزۈمگە ئاساس سالغان؛ شەھەر ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجارە ھەققى ۋە باجغا پۇل تۆلەشنى كېڭەيتكەن؛ غەربىي ياۋروپا ۋە شەرقتىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن.