Chinese→Uyghur主要词典
一八四八年皮埃蒙特宪法
دۇنيا تارىخى
1848-يىلدىكى پىئېمونتېي ئاساسىي قانۇنى
<ئالبېرتو نىزامى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1848-يىل 2-ئاينىڭ باشلىرىدا،سىتسىلىيە قوزغىلىڭى غەلىبىسىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئىتالىيىنىڭ پىئېمونتېي رايونىدىكى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، پادىشاھ ئاساسىي قانۇن تۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان.3-ئاينىڭ 4-كۈنى كورۇل ئالبېرتو ئاساسىي قانۇننى رەسمىي ئېلان قىلغان. كېيىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر پۈتۈن ئاساسىي قانۇنى بولۇپ قالغان. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش، پارلامېنت باج ئىشلىرىغا نازارەت قىلىشقا ۋە خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق دەپ جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا يەنە: قانۇن چىقىرىش لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ۋە كورۇلنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. كورۇل ئالىي مەمۇرىي ھوقوقنى يۈرگۈزىدۇ.كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىنى كورۇل ئاقسۆڭەكلەر، ئەمەلدارلار ۋە ئالىي ئوفىتسېرلاردىن تەيىنلەپ، ئۆمۈرۋايەت ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؛ ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ سايلىمى بىرقەدەر كۆپ مال مۈلۈك چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەپ بەلگىلىنىپ، كەڭ ئامما سايلام ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلنغان. بۇ ئاساسىي قانۇن فاشىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچە ساقلانغان