Chinese→Uyghur主要词典
一八九零年海员大罢工
دۇنيا تارىخى
1890-يىلدىكى دېڭىزچىلار ئىش تاشلىشى
ئاۋستىرالىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئىش تاشلاش. 1890-يىلى 8-ئايدا، كېمە خوجايىنلىرى دېڭىزچىلار كەسەبە ئىشچىلارئۇيۇشمىسىنىڭ مېلبورن، سىدنېيدىكى ئىشچىلاربىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، ئاۋستىرالىيىنىڭ شەرقىي پورتىدىكى دېڭىزچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى قوزغالغان. بۇنىڭغا پرىستان ئىشچىلىرى ۋە ترانسپورت ئىشچىلىرى دەرھال ئاۋاز قوشقان. قوي يۇڭى قىرقىغۇچى ئىشچىلار ۋە كۆمۈركان ئىشچىلىرىمۇ كەينى كەينىدىن ئىش تاشلىغان. سىدنىيدىكى ئەمگەكچى ئىشچىلارنى قوغداش كومىتېتى ئىش تاشلاشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئىش تاشلاش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە ئۇنىڭغا 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ئىش تاشلاش ئىككى ئاي داۋام قىلغان. نۇرغۇن سانائەت تارماقلىرى توختاپ قالغان. ئىش تاشلاش ھەرىكىتى يېڭى زىلاندىيە دېڭىزچىلىرى، كان ئىشچلىرى ۋە پرىستان ئىشچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مۇستەملىكىچى دائىرلىرى ھەربىي ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ تەھدىت سالغانلىقتىن ۋەئىشچىلارنى پارچىلىۋەتكەنلىكتىن ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولغان.