Chinese→Uyghur主要词典
一八六八年行政组织法规
دۇنيا تارىخى
1868-يىلدىكى مەمۇرىي تەشكىلىي قائىدەنىزامى
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كرىت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى. 1821-،1824-،1840-،1856-،1866-يىللار كرىت خەلقى كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، گرېتسىيە بىلەن قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. 1868-يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇشۇ قائىدەنىزامنى تۈزۈپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ خرىستىئانلارنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا ھەمدە باجنى ئازايتىشقا ماقۇل بولغان. بىراق بۇ قائىدە نىزام ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇلمىغان. كېيىن بۇ قائىدەنىزام ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشتىكى سخېمىسى بولۇپ قالغان