Uyghur主要词典
ئېھسان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشىلىق قىلىش، ئىنئام قىلىش، بېغىشلاش، ھەدىيە قىلىش؛ ھەدىيە ئىنئام:
فەرەڭ شاھى ئېھسان قىلىپ كۆپ مەتائ،
بۇ ئىككى ئوغۇلغە دېدى: ئەلۋىدائ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئەلگە كۆپ ئىنئام ئېتەرسەن، دەمبەدەم دۈشنامنى،
قەدر بىلمەسلەرگە ئاخىر، مۇنچە ئېھسان قىلماغىل.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خالىس ياردەم، ياخشىلىق.
« بۇشى » خەنزۇچە:布施
ھىبىلىك ئشتا خەير يوق. خەير _ ئېھسان بار، خالتا يوق. خەيرىيەت ئىشى _ ئۇلۇغ ئىش. بىر سائەتلىك ساخاۋەت مىڭ سائەتلىك ئىبادەتتىن ئەلا. سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىراۋغا قىلغان ياخشىلىق، خەيرلىك ئىش، ھەدىيە.
ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىم - يېسىرلارغا ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ياخشىلىق