Uyghur主要词典
ئېھرام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەجگە بارغۇچىلار كىيىمى؛ بىرەر يەرگە بېرىشنى نىيەت قىلىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەدىمكى مىسىر شاھلىرىنىڭ قەبرىسى، تاشلاردىن ئۈچ تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك گۈمبەز شەكلىدە ياسالغان.
ئېھراملار - مىسىرنىڭ ۋە ئىنسانلار كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ سىمۋولى.
دۇنيا تارىخى
مەنىسى پىرامىدا دېگەنلىك. كۆپىنچە قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلى تىك تۆتبۇلۇڭ بولۇپ، تۆت تەرىپى تەڭ ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە ياسىلىدۇ. مىسىر فىرئەۋىنلىرى (كورۇل) ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا مەڭگۈ تۇرۇش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئارزۇسى بىلەن كۆپىنچە ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن ئېھرام ياسىتىدۇ. ئۈچىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى جۇسېر تۇنجى قېتىم ئالتە قەۋەتلىك پراپېتسىيە شەكلىدە ئېھرام (ماستابا) ياساتقان. تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2589 - 2566) ياساتقان ئېھرامنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر (ھازىر دەسلەپكى چاغدىكىدىن 9 مېتىر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن)، ھەربىر تەرىپىنىڭ تەكتى ئۇزۇنلۇقى 230 مېتىر بولۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ پارچە غايەت زۇر تاشلار (بىر تاشنىڭ ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.5 توننا كېلىدۇ) دىن قوپۇرۇلۇپ ياسالغان. ئېھرامنىڭ ئىچىدە پەلەمپەي، كارىدور، قەبرە ھەمدە زىننەت رەسىملىرى، ئويما قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بار. ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ يېنىدىكى گىزا دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 10 مىڭ ئەمگەكچى 30 يىل ئىشلەپ پۈتتۈرگەنىكەن. سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى لايىھىلىنىشى پۇختا، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، چىداملىقلىقى يۇقىرى بولۇپ، بىناكارلىق تارىخىدىكى بىر مۆجىزە، يەنى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ نام ئالغان. فىرئەۋىن خاقرا ياساتقان ئېھرام ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 138.5 مېتىر كېىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا يېقىن بىر جايدا غايەت زور شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل (سىفىنكىس) بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 57 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ تەبىئىي غايەت زور تاشتىن ئۇيۇپ ياسالغان. ھازىرغىچە گىزا، زاكارا قاتارلىق جايلاردا چوڭ ـ كىچىك بولۇپ 70 تىن ئوشۇق ئېھرام ساقلىنىپ قالغان. بۇ ئېھراملار ئەينى چاغدىكى فىرئەۋىنلەرنىڭ چەكسىز ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك تۈردە قۇل قىلغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى. بۇنىڭدىن باشقا لاتىن ئامېرىكىسىدىمۇ بىر تۈرلۈك ئېھرام بار.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج تاۋاپ قىلىدىغان ئەرلەر ئېھرامغا كىرگەندىن باشلاپ كىيىدىغان كىيىم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئېھرام تىكىلمىگەن ئىككى پارچە ئاق رەختتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ رەخنىڭ بىر پارچىسى تىزغا يەتكۈزۈپ بەلگە يۆگىلىدۇ. بۇ <ئىزار> دېيىلىدۇ. يەنە بىر پارچىسى سول مۈرىگە، بويۇنغا ۋە كۆكرەككە يېپىلىدۇ. بۇ <رىدا> دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
پرامىدا.
ھەجگە بېرىشتىن بۇرۇن مەلۇم ۋاقىت ئەتىر سېپىش، چاچ - ساقاللىرىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلاردىن ۋاز كېچىش ۋە مىسىر، ئىراق قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى چېگرىلىرىغا يەتكەندىن كېيىن ئاق كىيىمگە، تىكىلمىگەن ئاق ئەن رەختلەرگە ئورىلىش.
شۇنداق ئاق رەختنىڭ ئۆزى.