Uyghur主要词典
ئېھرامغا كىرمەك
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىدىغانلار بەيتۇللاغا كىرىشتىن ئىلگىرى بەلگىلەنگەن جايدا ئادا قىلىدىغان دىنىي قائىدە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يۇيۇنۇپ تازىلىنىش، ئېھرام باغلاش، يالاڭباش - يالاڭئاياغ بولۇش، كۆڭلىنى توختىتىش، <مىقات> قا كىرىش ھالىتىنى ئىپادىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن پەدەز قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ئۇرۇش - تالاش قىلىش، قان تۆكۈش، ئوۋ ئوۋلاش ياكى جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش - سۇندۇرۇش قاتارلىق ئىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. يوشۇرۇن ئاۋازدا قىرائەت قىلىنىدۇ. ھەج قىلىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئېھرامغا كىرىش ھالىتى ئاخىرلىشىدۇ.