Uyghur主要词典
ئەزھەر مەسچىتى
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە مەنىسى <گۈزەل مەسچىت> دېگەن سۆز. مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى مەسچىت ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى. فاتىمە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇئىز (953 - 975-يىللىرى تەختتە تۇرغان) نىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى جەۋھەر (؟ - 991) مىلادى 969 - يىلى فۇستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى يېڭى شەھەر رايونى بولغان قاھىرەنى قۇرغان چاغدىن باشلاپ ياساشقا كىرىشكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن پۈتكەن. ئىگىلىگەن يېرى 12 مىڭ كۋادىرات مېتىر. كەڭ مەسچىت قورۇسىنىڭ ئۈچ تەرىپى چوڭ زال بىلەن ئورالغان. شەرقتىكى زال ھەممىدىن چوڭ بولۇپ، بەش كارىدوردىن تەركىب تاپقان؛ جەنۇب ۋە شىمالدىكى زاللار ئىككىدىن كارىدوردىن تەركىب تاپقان. تامدىكى نەقىشلەرگە <قۇرئان كەرىم> كەلمىلىرى يېزىلغان. مۇنازىرلەر چاسا شەكىلدە ياسالغان، بىر مۇناردا ئىككى گۈمبەز بولغان. ئۇ گەرچە يېڭىۋاشتىن ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن مەركىزىي قىسمى ئەسلىدىكى شەكلىنى ساقلاپ قالغان. خەلىپە ئەزىز تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (975 - 996) ئۇن ئىسلام مەكتىپى قىلغان. Ⅺ ئەسىردە فاتىمە سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتى راسا روناق تاپقان مەزگىلدە تەرەققىي قىلىپ ئىسلام داشۆسىگە ئايلانغان، ئۇنىڭدا بىر مۇنچە شۆيۈەن ۋە كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
دۇنيا بويىچە مەشھۇر مەسچىت. بۇ مەسچىت مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە بولۇپ، مىلادى 972 - يىلى سېلىنغان. 13 - ئەسىردىن باشلاپ تەدرىجىي ئسىلام دىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى بولۇپ قالغا. ھازىر يىلىغا بىر نەچچە ئون مىڭ ئادەم ئوقۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مىسىر ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. <قۇرئان> نى تەتقىق قىلىشتىن باشقا يەنە ئەرەب ئەدەبىياتى، ئىسلام قانۇنى، لوگىكا، مۇھاكىمە، خەتتاتلىق ھەم تەبىئىي پەنگە دائىر بەزى دەرسلەرنى ئوقۇيدۇ. ئەزھەر مەسچىتى ئەزھەر داشۆسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.