Uyghur主要词典
ئەزھەر جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مىسىردىكى مەسچىت بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئورنى قاھىرەدە. بۇ مەسچىتنى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇئىز (953 - يىلىدىن 975 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئەسكەر بېشى جەۋھەر سىقىللى (؟ - 991 ) 970 - يىلى سالدۇرۇشنى باشلاپ، 972 - يىلى پۈتتۈرگەن. باشتا قاھىرە شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش نامدا ئاتالغان. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىھە زەھرا (گۈلدەك چىراي دېگەن مەنىدىكى سۆز) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئەجدادلىرىنى ئەسلەش مەقسەت قىلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 12 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھويلىسى كەڭ، ھويلىنىڭ چۆرىسىگە ئىمارەتلەر سېلىنغان. 13 ئېگىز مۇنبەر، توققۇز دەرۋازا، بەش پەشتاق بار. چوڭ زالنىڭ تاملىرىغا سۈرە - ئايەتلەر كۇفە نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان. زاللارنىڭ دېرىزىلىرى گەج بىلەن ئىشلەنگەن گېئومېتىرىك نەقىشلەردە بېزەلگەن. قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە زىننەتلىنىشىدە مەغرىب ۋە ئىسپانىيە ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرى قوبۇل قىلىنغان. بۇ مەسچىت يېڭى سېلىنغاندا ۋەز ئېيتىشقا، ھۆكۈمەتنىڭ قارار ۋە باج بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ھەمدە مەدرىسە تەربىيىسى يولغا قويۇلغان. كۆپ ھاللاردا بىر ئىمام باش بولۇپ، شاگىرتلار دۆلەت ياكى رايونلار بويىچە زاللارغا بۆلۈنۈپ دەرس ئاڭلاپ ئۆگىنىش قىلغان. دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىنى سۆزلەش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئاساس قىلىنغان. ئەييۇب سۇلالىسى (1171 - 1250 ) دەۋرىدە سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىنىڭ تەلىماتىدىن دەرس ئۆتۈلىدىغان ۋە ئۇ ھەقتە تەتقىق قىلىنىدىغان مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. مەملۈك سۇلالىسى (1250 - 1527 ) دەۋرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىدىيە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتى ۋە سوپىزم تەتقىق قىلىندى. ⅩⅩ-ⅩⅨ ئەسىرلەردە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئىدراكىي پەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك قاتارلىق پەنلەر ئوقۇتۇلدى ۋە تەتقىق قىلىندى. 1961 - يىلى ئەزھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى 103 - نومۇرلۇق پەرمان جاكارلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسچىت ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دىنىي ئورگانلىرى ئاساسلىقى ئەزھەر ئالىي كومىتېتى، ئىسلام تەتقىقات ئۇيۇشمىسى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئەۋەتىش بۆلۈمىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ مەسچىتنى مىسىر ھۆكۈمىتى 1983 - يىلى قايتا رېمونت قىلدۇردى.