Uyghur主要词典
ئەتىرگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئازغانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، يۇمران غولىدا
شالاڭ ئىلمەكلىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى
ئۈچ ~ بەش تال، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، قۇلاقسىمان يوپۇرماق تېگى بولىدۇ، گىرۋىكىدە بەز
تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى تاق ياكى توپلىشىپ ئۆسۈپ، قات - قات ئېچىلىدۇ، رەڭگى ھال، ئاق، قىزىل ياكى سۇس سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل غۇنچىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ
ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، كۈز پەسلىدە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەتىرگۈل ۋە زاراڭزا چېچىكىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز
كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ئەتىرگۈلنى 15 گرام گۈلبوغۇن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئەتىرگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ئىششىپ
ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەتىرگۈلنى قول بىلەن ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ھەرخىل ئىششىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تىك ئۆسىدىغان چاتقال. شاخلىرى چىڭ، زىچ بولۇپ قاتتىق تۈك ۋە تىكىنى بولىدۇ، كچىىك شېخىدا يۇمشاق تۈك قويۇق ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 5 - 9 تال، سوقىچاق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، ئۈستى پارقىراق، كۆپ پۈرمىلىك، تۈكسىز، ئاستىنقى يۈزىدە تورسىمان ئاق پاراشوك، قىسقا يۇمشاق تۈك ۋە بەز تەنچىسى بولىدۇ، يۇپۇرماق سېپى بىلەن يوپۇرماق ئوقىدا يۇمشاق تۈك، شالاڭ ئۆسكەن قوۋزاق تىكىنى ۋە تىكەنلىك تۈكچىلەر بولىدۇ؛ تەگلىك يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى يوپۇرماق سېپىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. گۈلى يالغۇز ياكى بىر قانچە تال توپلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى بېغىررەك ئاق، خۇش پۇراق بولىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاقراق، قىزىل، سىلىق بولۇپ، كاسا يېرىقى ساقلىنىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ ھازىر ھەممىلا يەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجىياڭ ۋە گۇاڭدۇڭدىن ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، گۈلى پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ ۋە خۇش پۇراق ماي ئايرىپ ئېلىنىپ، يېمەكلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پۇراقلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىرگۈل يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ گۈلى ۋە يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، يەلنى تەڭشەپ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەتىر + گۈل
ئىسىم
بوتانىكا
ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولى تىك، تىكەنلىرى ناھايىتى زىچ؛ كىچىك پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، گۈلى كۆپىنچە قىزىل، ئاق، سېرىق ئېچىلىدۇ؛ گۈلىنى چاي دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.