—参考资料
ئەتىرگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئازغانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، يۇمران غولىدا شالاڭ ئىلمەكلىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى ئۈچ ~ بەش تال، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، قۇلاقسىمان يوپۇرماق تېگى بولىدۇ، گىرۋىكىدە بەز تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى تاق ياكى توپلىشىپ ئۆسۈپ، قات - قات ئېچىلىدۇ، رەڭگى ھال، ئاق، قىزىل ياكى سۇس سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل غۇنچىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، كۈز پەسلىدە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەتىرگۈل ۋە زاراڭزا چېچىكىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ئەتىرگۈلنى 15 گرام گۈلبوغۇن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئەتىرگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ئىششىپ
ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەتىرگۈلنى قول بىلەن ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ھەرخىل ئىششىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
例句
بۇ ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئەتىرگۈل يېغىپ كەتكەن.
翻译: The whole house is filled with the scent of roses.
Usage: Scent
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。