Uyghur主要词典
ئەتىرگۈل ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
(1455 - 1485-يىللىرى ئەنگلىيىدىكى ئىككى چوڭ خان جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئەتىرگۈلنى، يورك جەمەتى ئاق ئەتىرگۈلنى بەلەە قىلغاچقا، ئەتىرگۈل ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. ⅩⅣ ئەسىردە ئەنگلىيىدىكى فېئوداللىق خوجىلىق يەر ئىگىلىكى كۈنسايىن خارابلاشقان، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇرغان خۇسۇسىي قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت ۋە بايلىق تالاشقان. لانكاستېر جەمەتى ئىگىلىكى قالاق بولغان غەربىي شىماىي رايوندىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەرگە تايانغان. يورك جەمەتى ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان جەنۇبىي رايونلاردىكى فېئوداللار، يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. 1455-يىلى 5-ئايدا يورك گېرتسوگى رىچاد قوشۇن باشلاپ لانكاستېر جەمەتىدىكى ھېنرىخ Ⅵ گە قارشى تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پارتلىغان. 1460-يىلى رىچارد جەڭدە ئۆلگەن. 1461-يىلى 3-ئايدا رىچاردنىڭ ئوغلى ئېدۋارد لوندوننى ئىشغال قىىپ، ھېنرىخ Ⅳ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى ئېدۋارد Ⅳ دەپ ئاتاپ، يورك خاندانلىقىنى قۇرغان. 1483-يىلى 4-ئايدا ئېدۋارد Ⅳ ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئېدۋارد Ⅴ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئىنىسى رىچارد نايىپ بولغان. 6-ئايدا رىچارد تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى رىچارد Ⅲ دەپ ئاتىغان. يورك جەمەتىدىكى ئېدۋارد Ⅳ نىڭ ئەۋلادلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ئاقسۆڭەكلەر بىلەن لاانكاستېر جەمەتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىرلىشىپ، رىچارد Ⅲ بىلەن قارشىلاشقان. 1485-يىلى 8-ئايدا، لانكاستېر جەمەتىگە شىرەم تۇغقان بولغان ھېنرى تيۇدور رىچاردنى مەغلۇپ قىلىپ، پادىشاھلىق تىكلەپ، ئۆزىنى ھېنرى تيۇدور رىچاردنى مەغلۇپ قىىپ، پادىشاھلىق تىكلەپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅶ دەپ ئاتاپ،تيۇدور خاندانلىقىنى قۇرغان، ئەتىرگۈل ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ 30 يىل ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىپ ماغدۇردىن كېتىشى، تيۇدور خاندانلىقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان.