Uyghur主要词典
ئەسھاب نەبىي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى شۇنداق ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەزالىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى، شاگىرتلىرى ۋە ساھابىلىرى بولۇپ، مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇممەسىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇسۇلمانلار ئىچىدە بىر مەھەل تالاش - تارتىش بولدى. ئومۇمىيلىققا ئېتىبار بېرىپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەسھاب نەبى رەسمىي قۇرۇلدى. <قۇرئان كەرىم> رەتلىنىپ، ھەدىسلەر توپلىنىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار يادلاش ۋە رىۋايەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلدى، ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇلار مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلارغا ئايرىلىدۇ. ئاساسىي ئەزالىرى بۈۋى ئائىشە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.