Uyghur主要词典
ئەسھا بۇلكەھىف
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەيت قىلىنىشىچە، ئورتاق ئېتىقادقا ئىگە يەتتە يىگىت دىنىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، بىر ئىت بىلەن غارغا كىرىپ، 309 يىل ئۇخلىدى. ئويغىنىپ يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن بىرەيلەن شەھەرگە كىرىپ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. قۇرئاندا بۇ پۈتۈنلەي راست رىۋايەت، « ئاللانىڭ مۆجىزىسى» دېيىلىدۇ. (18 - سۈرىنىڭ 10 - دىن 18 - ئايەتلىرى). كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار بۇنى خرىستىئان دىنىدىكى ئېفېستا ئۇزاق ياتقان يەتتە ئەۋلىيا رىۋايىتىدىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ.