Uyghur主要词典
ئەسنا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زامان، پەيت، چاغ، ۋاقىت؛ ئارا، ئوتتۇرا؛ ھالەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئارا، پەيت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە سادىر بولۇپ تۇرغان پەيت، پۇرسەت، چاغ.
شۇ ئەسنادا ئىچكىرىدىن سوغا ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ بالىنىڭ دوستى چىقتى.