Uyghur主要词典
ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىينىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتلىشى بولۇپ، كېنىيە، بۇگاندا ( ھازىرقى ئۇگاندا)، زانزىبار ۋە تاگانىكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ تەسىر كۈچى زانزىبارغا بېسىپ كىرگەن. 1888-يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ئافرىقا شىركىتى كېنىيىنى بېسىۋالغان. 1890- ۋە 1894-يىلى ئەنگلىيە زانزىبار پادىشاھلىقى ۋە بۇگاندا پادىشاھلىقىنى رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1895-يىلى كنىيىنى <شەرقىي ئافرىقا ھامىيلىقىدىكى جاي> دەپ جاكارلاپ، 1820-يىلى ئۇنىڭ نامىنى <كېنىيە مۇستەملىكىسى> گە ئۆزگەرتكەن. 1919-يىلى گېرمانىيىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تانگانىكاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1946-يىلى ب د ت قارار ماقۇللاپ، تانگانىكانى <ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان جاي> قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بۇ جايلارنى بۇ جايلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىللىك جاكارلىغان. 1964-يىلى تانگانىكا بىلەن زانزىبار بىرلىشىپ تانزانىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.