Uyghur主要词典
ئەنگلىيە گوللاندىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكە بازارلىرىنى ۋە دېڭىزغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گوللاندىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم پارتلىغان. (1) 6521 - 1654-يىللىرىدىكى ئۇرۇش. 1651-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگلىيە <دېڭىز قاتناش نىزامى> ئېلان قىلىپ، تىغ ئۇچىنى گوللاندىيىگە قاراتقان. گوللاندىيە ئەنگلىيىدىن نىزامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، رەت قلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1652-يىلى 5-ئايدا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ فلوت كۈچى بىر - بىرىدىن قېلىشمايتتى، لېكىن ئەنگلىيە ئاخىرى گوللاندىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى قامال قىلغان ھەمدە ئۇنى <دېڭىز - قاتناش نىزامى> نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1654-يىلى 4-ئايدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. (2) 1665 - 1667-يىللاردىكى ئۇرۇش. جەڭ مەيدانى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز يۈزىدە بولغان. گوللاندىيە فرانسىيە بىلەن دانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشپ، بىر ئاز ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. گوللاندىيە فرانسىيە بىلەن دانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بىرئاز ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. 1667-يىلى ئۇرۇش <برېدا سۈلھ شەرتنامىسى> بىلەن ئاياغلاشقان، ھەر قايسىسى ئۆزى ئىگىلىگەن مۇستەملىكلىرىنى ساقلاپ قالغان. (3) 1672 - 1674-يىللاردىكى ئۇرۇش. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1674-يىلى ئەنگلىيە گوللاندىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا <ۋېستمىنستېر سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. ئۈچ قېتىملىق ئەنگلىيە - گوللاندىيە ئۇرۇشى ئاقرىلىق، ئەنگلىيە گوللاندىيىنىڭ دېڭىزدىكى كۈچىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلقئارا سودا ۋە مۇستەملىكىلەرنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش كۈرىشىدە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئورناتقان.