Uyghur主要词典
ئەلھەمدۇلىللا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاللاغا شۈكرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەت سۆزلىرى، دىنغا ئالاقىدار.
ئىشنىڭ بېشى بىسمىللا. ئىنشائاللا، شىپالىق بېرەر. سۈبھاناللا، ئۇنداقمۇ ئىش بولامدىغان. دۈشمىنىڭگە دەردىڭنى سۆزلىمە ئەسلا، خۇش بولۇپ دېمىسۇن «ئەلھەمدۇلىللا». ماشائاللا، ئىش ئوڭغا تارتتى. گېپىم يالغان بولسا، كالامۇللا ئۇرسۇن. ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا. زاھىت سۆزىدىن يۈز توۋا قىلدۇق، ئابىد ئىشىدىن ئەستاغپۇرۇللا. قازاغا رىزا، ئەلھۆكمىلىللا. ئىللا - بىللا، يالغان ئېيىتمىدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇداغا تەشەككۈر، خۇداغا رەھمەت. قانائەت قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
خۇداغا شۈكۈر، ھالى _ كۈنىمىز يامان ئەمەس، ئوبدان كېتىۋاتىمىز. ئەلھەمدۇلىللا، ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كېلەرمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
دىن
ئاللاغا شۈكۈ،ر خۇداغا شۈكۈر دېگەن مەنىلەردە خاتىرجەملىنىش تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەلھەمدۇلىللا، مىڭ مەرتە شۈكۈر، لېكىن ئولتۇرسام - قوپسام ئەس - يادىم سىلىدە، تاق قويۇپ كېلەي دېسەم ئىشلار ئۆندەرەش.