Uyghur主要词典
ئەل ھىدايە فىل فۇرۇئ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يېتەكلەش> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۈننىي مەزھىپىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان فىقھە كىتابلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. <كىشىلىك ھاياتنىڭ قىبلەنامىسى> دەپ قارىلىدۇ. <ھىدايە> ئاتالغۇسى نۇرغۇن ئەسەرلەردە ئىشلىتىلگەن. مەرغىلانلىق بۇرھانىددىن ئەلى (1135 - 1196) نىڭ ئەسىرى شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈف، ئىمام مۇھەممەدتىن ئىبارەت ئۈچ ئادەمنىڭ فىقھە تەشەببۇسلىرى توپلىمى ھەم مۇئەللىپلىرى ئۆزلىرى تاللىغان <بەدايەئەل مۇبتەدا> نىڭ ئىزاھاتى شۇنداق دەپ ئاتالغان.