Uyghur主要词典
ئەھمەد ئەمىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1887 - 1954)مىسىرنىڭ ئىسلام ئۆلىماسى. نىل دەريا دېلتىسىدىكى ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئىسلام ئالىي فىقھى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى. 1911 - يىلى فىھھى ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە قازى بولدى. 1926 - يىلى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولدى. 1939 - يىلىدىن ئالەمدىن ئۆتكىچە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولدى. ئەھمەد ئەمىن ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئەرەب مەدەنىيەت تارىخى بايان قىلىنغان <فەجرئەل ئىسلام> (ئىسلام دىنىنىڭ سۈبھى دەۋرى)، <زوھا ئەل ئىسلام> (ئىسلام دىنىنىڭ ياش دەۋرى)، <زۇھر ئەل ئىسلام> (ئىسلام دىنىنىڭ قىران دەۋرى) ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلارنى يېزىپ دۇنياغا تونۇلدى. بۇ كىتابلار <ئىسلام قامۇسى> دەپ تەرىپلەندى. بۇلاردىن باشقا، 1923 - يىلى <ئەخلاق> ناملىق ئەسەر ۋە 1957 - يىلى كۆپ توملۇق نەسرى ئەسەر، <ھاياتىم> ناملىق تەرجىمىھال يازدى ۋە <پەلسەپە پرىنسىپلىرى> ناملىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى.