Uyghur主要词典
ئەھلىي سۈننەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئەھلى كىتاب>، <مەدىنە تەرەپدارلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەدىنىدە قۇرۇلغان. سۈننىي مەزھىپىدىكى فىقھە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەھلى راي (پىكىر تەرەپدارلىرى) بىلەن زىت. ئۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى فىقھىيەلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېقىم بولۇپ، تەشكىلىي شەكىللەنمىگەن. دەسلەپكى دەۋردىكى فەقىھلەر ھۆكۈم چىقىرىش داۋامىدا قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەرگە (سۈننەتكە) ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئۇنى بەلگىلىنىدىغان قانۇن تەلىماتىنىڭ ئاساسىي قىلغان، ئەھلى ھەدىسلەر مۇشۇ ئاساستا <پەيغەمبەرنىڭ سۇننەتلىرى> نى ئەھكام چىقىرىش، شەرىئەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى قىلغان. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، جايلاردىكى مۇسۇلمان جامائەلىرىنىڭ ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىيلەر ئېتىراپ قىلغان <ھەدىس>، <سۈننەت> لەرنىڭ ئەينى چاغدىكى داۋامى ۋە ئىپادىلىنىشى، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ تەلىماتنىڭ تارىختا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان خۇسۇسىيىتىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ھەمىشە ھەدىسلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەدىسنى ئەھكام چىقىرىشقا ھەممىدىن بۇرۇن تەتبىقلىغان. ھەدىستىن ئەھكام چىقىرىش ئىدىيىسى <پىكىر تەرەپدارلىرى> نىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇسۇل ئەل فىقھ توغرىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولغان. كېيىن مەشھۇر فەقىھ شافىئىي مۇرەسسە قىلىش كۆز قارىشىنى قوللىنىپ، ھەدىسكە ئاساسەن قانۇن چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۇسۇل ئەل فىقھنىڭ نەزەرىيىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى پەسەيتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قانۇن چىقىرىشتا <قۇرئان كەرىم> دىن قالسا ھەدىسنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ھەدىس تەرەپدارلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتە نۇرغاۇن ساختا ھەدىسلەر تارقالغان. كېيىن گۈللەنگەن ھەدىسشۇناسلىق ھەدىسلەرنىڭ ساختىلىرىنى شاللىۋېتىپ، راستىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە <پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرى> بىلەن ساھابىلەرنىڭ سۈننەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ساختىلىرى بىلەن راستىلىرىنى ئايرىپ كېتەلمىگەن. تارىختا مالىكىيە مەزھىپى مەدىنىدە پەيدا بولۇپ، ئەل ئارىسىدىكى ئادەتلەر (سۈننەتلەر) گە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، <ھەدىس تەرەپدارلىرى> دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە، دەسلەپكى ئەھلى فىقھە ئىچىدە ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ ئىزنالىرى بولغان. كېيىنرەك باش كۆتۈرگەن ھەنبەلىيە مەزھىپى ھەدىسكە ئاساسەن قانۇن چىقىرىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلىگەن.