Uyghur主要词典
ئەھمەد ئاباد جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گۈجەرەت شتاتىدىكى ئەھمەد ئاباد شەھىرىدە. بۇ مەسچىتنى 1423 - يىلى سۇلتان ئەھمەدشاھ (1411 - يىلىدىن 1442 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سالدۇرغان. مەسچىتنىڭ كەڭلىكى 29 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 64 مېتىر كېلىدۇ. مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئىشىك ئەڭ ئېگىز، ئەگمە شەكلىدە، ئىككى ئىشىكنىڭ ئىككى چېتىغا يېرىم يۇمۇلاق شەكىللىك تۈۋرۈك چاپلانغان. تۈۋرۈكلەر بىر نەچچە قەۋەتكە بۆلۈنگەن. ھەر بىر قەۋەت ئوخشاش بولمىغان ئويما نەقىشلەر بىلەن بېزىلىپ، ئىشىكنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى ئىشىك ئەگمە شەكىللىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىكتىن سەل پەس. ئوتتۇرا ئىشىكنىڭ ئىككى چېتىدە ئوتتۇرا ئىشىكتىن پەسرەك قىلىپ ياسالغان ئىككى رەت تۈۋرۈكلۈك كارىدور ئوڭغا ۋە سولغا تەڭ سوزۇلغان. پۈتۈن مەسچىتكە 300 دىن ئارتۇق تۈۋرۈك قويۇلغان. تۈۋرۈكلەر تاشتىن تەييارلانغان. ئويما نەقىشلىرىنىڭ ئۇسلۇبى جەينا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ: تەكتىدىكى چاسا تۈۋرۈك ئالتە قىرلىق بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىدا لىمنىڭ تەگلىك شەكلى بىلەن تورۇس شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن مەسچىتنىڭ ئىچىگە دېرىزىلەردىن ئاپتاپ چۈشۈشى بۇ مەسچىتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.