Uyghur主要词典
ئەبۇ تالىب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ دادىسى. سودىگەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 12 ياشقا كىرگەندە مۇشۇ كىشى بىلەن سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىب قىلغاندا بۇ ئادەم ئۇنى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ قالدى. لېكىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىدى. مەككىدە ئالەمدىن ئۆتتى.