Uyghur主要词典
ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سەركەردە. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ارىس جەمەتىدە دۇنياغا كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ھەبەشستانغا كۆچۈپ كەتتى. كېيىن بەدرى ۋە ئوھۇد غازاتلىرىغا قاتناشتى. يەمەنگە دىنىي تەرغىبات ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە خەلىپە سايلايدىغان <سەقىفە كېڭىشى> گە قاتناشتى. 633 - يىلى قوشۇن باشلاپ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولدى. سۈرىيىدە ۋابا كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。