Uyghur主要词典
ئەبۇ زەر غىفارى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىغا بۇرۇن ئىمان ئېيتقان ئادەملەرنىڭ بىرى. كەمتەرلىكى ۋە دەرۋشلىكى بىلەن مەشھۇر. بەزىلەر ئۇنى كەبىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان، دەيدۇ. بەزىلەر ھەزرىتى ئەلى مەخپىي ئۇچراشتۇرغان. دەيدۇ. ئۇ بەشىنچى (تۆتىنچى) ئەھلى ئىمان بولغان. 627 - يىلىدىكى <بىرلەشمە قوشۇن غازىتى> (خەندەك غازىتى) دىن كېيىن مەدىنىگە بارغان. كېيىن سۈرىيىدە ئولتۇراقلاشقان. مۇئاۋىيە ئۇنىڭدىن نارازى بولغاچقا، ھەزرىتى ئوسمان ياندۇرۇپ كېلىۋالغان. كېيىن رەبەدھاغا ئەۋەتىلگەن ھەمدە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.