Uyghur主要词典
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارىخ
مىلادىيە 850 - 1250 - يىللاردا ئۆتكەن ۋە ھازىرقى تۇرپاندىكى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقى. قۇرغۇچىسى بۇقا تېكىن. بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ئىككى جايدا بولۇپ، بىر قارىغۇجا شەھىرى، يەنە بىرى بەشبالىق. خانلىقنىڭ دائىرىسى شەرقتە بالكۆل، شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى، غەربتە قارا شەھەرنىڭ غەربى، جەنۇبتا قۇرۇقتاغ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىيە Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ زېمىنى غەربتە ھازىرقى كۇچانىڭ غەربىگە، شەرقتە كەنجوۋ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شاجوۋ رايونى دائىرسىگە سوزۇلغان.