Uyghur主要词典
ئىچكىرى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەسلىي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«غەربتىن كەلگەن دىن» مۇ دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە ئەسەر بولۇپ، بۇنى چىڭ سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ليۇ جىنىڭ دادىسى ليۇ خەنيىڭ يازغان. كاڭشى (1662 - 1722) دەۋرىدىكى سەركەردە ما جىڭلياڭ ساقلاپ قويغان. كىتابتىكى رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: بىر كېچىسى تاڭ سۇلالسىنىڭ پادىشاھى سەللە ئورىغان ئادەملەرنىڭ ئالۋاستىنى قوغلاپ ئوردىغا كىرگەنلىكىنى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشكە تەدبىر بېرىدىغانلاردىن سەللە ئورىغانلارنىڭ غەربىي يۇرتتىكى مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەرەبىستانغا پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالۋاستىنى قوغىلۋېتىشكە ئادەم ئەۋەتىپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ئەلچى ماڭغۇزۇپتۇ. ئۇ يەردە كەلگەن ئەلچى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەرەبىيەنىڭ دىنى ۋە كۇڭزى، بۇددا، تويىن دىنلىرى توغرىسىدىكى قارىشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ . پادىشاھ قايىل بولۇپ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئىككى دۇنيانىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئىسلام دىنىنى «پاك» دىن ئىكەن، دەپ خۇلاسىلاپتۇ ھەمدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچ مىڭ ئەسكىرىگە ئۈچ مىڭ مۇسۇلمان ئەسكىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنى جۇڭگودا ماكانلاشتۇرۇپتۇ. رىۋايەت جانلىق بايان قىلىنغان. ئاساسىي قاراشلار نەزمى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەسەر 1903 - يىلى چۇڭچىڭدا، 1932 - يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغان.