Uyghur主要词典
ئىچكىرى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى.
كۇلىدىن نۇرغۇن ئادەملەر كەلدى. ئاكام ئىچكىرىگە كەتكىلى خېلى بولدى. تۆۋەينىگە بېرىپ كەلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئىچكى قىسمى، ئىچكى تەرەپ.
ئۇ خۇشال ھالدا باغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى.
سۈپ. ئىچكى قىسمىدىكى، ئىچكى تەرەپتىكى، ئىچكىدىكى.
نىغمەت ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ، جوزا ئۈستىدىكى باغاقنى قولىغا ئالدى.
رەۋ. ئىچ تەرەپكە قاراپ، ئىچ تەرەپنى بويلاپ؛ ئىچىگە يۈزلىنىپ.
ئۇ ئۆزى ئىچكىرى كىرىپ كەتتى.
ئى. شىنجاڭغا نىسبەتەن شەرقتىكى ئۆلكە، شەھەرلەر.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئىچكىرىگە ماڭىدىغان بولۇپ مېھمانخانىدىن قايتىپ كەلدىم.