Uyghur主要词典
ئىچكى مۇھىت
بىئولوگىيە
ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقى (<تەن سۇيۇقلۇقى> غا قارالسۇن) ھۈجەيرە ياشايدىغان مۇھىت بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىغا بىۋاسىتە چىقىرىلىدۇ. شۇڭا ⅩⅪ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فرانسىيىلىك فىزىئولوگ كلاۋد. بېرنارد (1813 - 1878 elaude Bernard ) ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنى ئورگانىزمنىڭ ئىچكى مۇھىتى دەپ ئاتاپ پۈتۈن ئورگانىزم تايىنىپ ياشاۋاتقان سىرتقى مۇھىتتىن پەرقلەندۈرگەن. سىرتقى مۇھىتتا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئورگانىزمنىڭ ئىچكى مۇھىتى نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، مەسىلەن، قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمى، كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسى، ئاقسىل ۋە قان قەنتى تەركىبىنىڭ مىقدارى ھەم قىزىل ھۈجەيرىنىڭ سانى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشى كىچىكرەك دائىرە ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ. ئىچكى مۇھىتنىڭ نىسپىي مۇقىملىقى ئورگانىزمنىڭ نورمال ھايات پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئىچكى مۇھىتنىڭ ھەر خىل فىزىك - خىمىيىلىك ئامىللىرىدا چوڭراق ئۆزگىرىشلەر بولسا، ئورگانىزمنىڭ پائالىيىتىدە توسالغۇ پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، قان پلازمىسىدىكى ئاقسىل ئازىيىپ كەتسە توقۇلمىلارنىڭ سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قان قەنتى بەكمۇ تۆۋەن بولسا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا ھۇشسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. ئورگانىزمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە تەن سۇيۇقلۇقى ئامىللىرى بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرغانلىقتىن ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەرقايسى فىزىك - خىمىيىلىك ئامىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ شۇ ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.