Uyghur主要词典
ئازاد قۇل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلغان دەسلەپكى چاغلاردا قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قۇللارغا كەڭچىلىك قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جىسمانىي ئەركىنلىكنى ھەق تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى ھەمدە قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قۇللارغا كەڭچىلىك قىلىشنى ساۋابلىق ئىش ھېسابلىدى. «قۇرئان كەرىم» دە بەزى گۇناھلارنى قۇل ئازاد قىلىشتىن باشقا يول بىلەن يۇغىلى بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدى : «... كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك، ئۇلار(ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسا، (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ باك يوق، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۇشمەن (كۇففار) قەۋمىدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ) ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇھائىدە بولغان (كۇففار) قەۋمىدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك، ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تۆۋبىسىنى ئاللانىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش لازىم (4 - سۈرىنىڭ 92 - ئايىتىدىن). (2) ئازاد قىلىنغان قۇل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئازاد قىلىنغان قۇل جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئىسمىنىڭ ئالدىغا قۇل ئىگىسىنىڭ ئىسمى قوشۇلۇپ، بۇرۇن پالانىنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.