Uyghur主要词典
ئازادە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئازد، ئەركىن.
توغرا، ئەيبسىز.
غەمسىز، تەشۋىشىسز؛ شاد.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كەڭ، كەڭتاشا.
ئازادە ئۆينىڭ دېرىزىسىگە قويۇلغان يوغان بىر تەشتەكتىكى ئەتىرگۈل ئاجايىپ چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
ئەركىن، ئېچىلىپ - يېيىلىپ، بەھۇزۇر؛ خاتىرجەم.
- يائاللا قىزىم، - دېدى ئۇ چىرايىغا زورلاپ كۈلكە تۈسىنى بېرىپ، - ھەپتىدە بىر كېلىدىغان يەكشەنبىدە بىزمۇ سەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئازادە مۇڭدىشىدىغان ۋاقىت بولىدىكەن.
خالىي، ئايرىم.
ئۇ: - مېنىڭ سىز بىلەن ئازادىرەك سۆزلەشكۈم كېلىدۇ، - دېدى.
خوتۇن - قىزلار ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
ئەركىن، ھۆر؛ بەختلىك، بەختىيار ياكى تازا، پاكىزە، بىگۇناھ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
ئازادەم
ئەركىنلىك، كەڭ - كۇشادىلىق