Uyghur主要词典
ئازاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەركىن، ھۆر:
ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىلگەن، بوش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەك - چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولغان.
زەنجىرلىنىپ توق يۈرگندىن ئاچ يۈرۈپ ئەركىن بولغان ياخشى. خارابىدە سۇلتان بولغۇچە ئەركىن يۈرگەن كونچى بول. بېگىمە قوشنا بولساڭ، ئەركىن قۇل بولىسەن. ھۈر ھۆرمەتكە لايىق. ئازاد ئادەمگە ئالەم كەڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز ھەققى - ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرك - ئىختىيارى ئۆز قولىدا بولغان.
چۆرە، دېدەك، قۇل
ئۆز ئەركىدىن، ھەق - ھوقۇقىدىن ئايرىلغان، ئەرك - ئىختىيارى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان.
جاپا - ئازاب چېكىپ ھۆر بولار، سەدەپتە قامىلىپ دور بولار. كاسىپتىن شاد - خۇرام ھۆر يوق جاھاندا، ھۈنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا. ئەقىل بىلەن قۇل ئازاد بولار. ئازادقا ئالەم كەڭ. زەنجىرلىنىپ توق يۈرگەندىن، ئاچ يۈرسەڭمۇ ئەركىن بول. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. دېدەڭنىڭ دەردى ئىچىدە. چۆرە قىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئۆز ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ئۆز قولىدا بولغان، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتۇلغان؛ ھۆر، ئەركىن.
ئازاد ۋەتەن، ئازاد زامان، ئازاد بولماق. ئازاد قىلماق.
ئۆز ھالىغا، مەيلىگە قويۇلغان، ھېچقانداق مەجبۇرىيەت بىلەن باغلانمىغان؛ بوش.
<ئون ئىككى مۇقام> ئۆزىنى مەلۇم ھېكايىلىق تارىخىي داستان ياكى قەھرىمانغا باغلاپ، چېتىپ قويىدىغان تارىخىي چەكلىمىدىن ئازاد.
تۇتقۇنلۇقتىن چىقىرىلغان، قاماقتىن بوشىتىلغان.
تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغان باتۇر تۈرمە ئىشىكىدىن چىقىپ، ساپ ھاۋادىن ئاچ كۆزلۈك بىلەن قانغۇچە نەپەس ئالدى.
ئەرلەر ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
ئازات
ھۆر، ئەركىن