Uyghur主要词典
ئاۋېستا
دۇنيا تارىخى
پېرسىيىنىڭ قەدىمكى كالامى. زورو ئاستىر دىنى(ئاتەش دىنى)نىڭ مۇقەددەس كىتابى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭدا زورو ئاستىرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزنەسىھەتلىرى خاتىرلەنگەن. بۇ دىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي رايونىدا پەيدا بولۇپ، كېيىن ئېران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئاۋېستا قەدىمكى زاماندىكى شەرقىي ئىران شىۋىسىدا يېزىلغان بولۇپ، مەزمونى دىنىي ئەپسانە، ئەمرىمەرۇپ، مەدھىيە، دۇئا تىلاۋەت قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى قىسمى مەدھىيە<گاتخاس>(ئىلاھقا مەدھىيە) تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە يېزىلغان (بەزى ئالىملار ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ). Ⅲئەسىردىن Ⅶئەسىردىكى پېرسىيە ساسسان خاندانلىقى دەۋرىگىچە كىتاب بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئاۋېستا« ھەققىدە ئىزاھات» قەدىمكى زاماندىكى پېرسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.