Uyghur主要词典
ئاي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييارە، ئاي شارى.
يېڭى ئاي، ئوغاق ئاي، تولۇن ئاي، ئاي تۇغماق، ئاي چىقماق، ئاي كۆرۈنمەك، ئاي پاتماق. * ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس (ماقال). * ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋاقىت ئۆلچىمى، يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 كۈنلۈك ۋاقىت.
ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ ئاخىرى. * چوڭ ئاي، كىچىك ئاي. * ئاينىڭ بېشىدىن قورقما ، بەشىدىن قورق. (ماقال). * ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال). * ئايدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ (ماقال). * 5 - ئايدا بېشىنى كۆردۈم، 6 - ئايدا ئېشىنى (ماقال). * كەلگىنىمگە بەش ئاي بولدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئېيىت؛ ئېيتماق؛ ھەي، ئەي: ئاي بۆگۈئەي دانا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت ھېسابى بىرلىكى. بىر ئاي يىلنىڭ ئون ئىككى بۆلۈكىنىڭ بىرى.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ. ئاينىڭ بېشىدىن قورققۇچە، بەشىدىن قورق. سەنە قەمەرىيە. قەمەرىيە كالېندارى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توق سېرىق رەڭلىك بىر خىل يىپەك رەخت.
1 - 56
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاي بىتىكى _ ئايلىق دەپتەر، ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىمى ۋە تەمىناتى يېزىلىدىغان دەپتەر.
1 - 56
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاي.
تولۇن ئاي _ تولۇن ئاي.
1 - 112
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاي.
ئوتتۇز كۈندىن ئىبارەت ۋاقىت. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قىشقا ئېتى كەلسە قالدى قۇتۇلۇغ ياي
تۈن كۈن كەچ ئالقىنۇر ئۆزلەك بىلە ئاي
{قىشقا راسلان كېلىش بىلەن قۇتلۇق ياز،
تۈن - كۈن كېچىپ تۈگەيدۇ زامان بىلەن ئاي،}
قۇتلۇق ياز كېلىشى بىلەنلا قىشقا تەييارلىق قىل، چۈنكى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاي ۋە زامانمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىر ئايلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئاينىڭ دەۋر قىلىشى بىلەن ھېسابلانغاچقا، يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىر بۆلۇگىمۇ «ئاي _ ئاي» دېيىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئاي تولۇن بولسا ئېلكىن ئىملامەس _ تولۇن ئاي قول بىلەن كۆرسىتىلمەش. چۈنكى ئۇنى كۆزى ئوچۇق ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. بۇ ماقال ھەر بىر مەشھۇر نەرسىگىمۇ تەمسىل قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 112
قۇياش ئائىلىسى
ئاي يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھى، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى384400 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تەبىئىي ئاسمان جىسمىدۇر. ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، بىز كۆرگەن ئاي نۇرى ئۇ قايتۇرغان قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت. ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ48 /1 ىگە تەڭ، كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ، ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن81 /1 ىگە، زىچلىقى يەر شارى زىچلىقىنىڭ5 /3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى يەر شارىدەك ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەس.
ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ بەدىنىنىڭ يېنىكلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ يول ماڭغاندا خۇددى ئۇچقاندەك بىلىنىدۇ،3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇ ماددىلاردىن ھەم10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىلاردىن بىر سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەر شارىدا100 كىلوگرام كەلگەن ماددا ئاي شارىدا17 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ، كىشىلەر ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا ماڭغاندا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئاي شارى توغرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن ئاجايىپ گۈزەل، تەسىرلىك رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلدى. مەسىلەن، چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى، بوز توشقاننىڭ دورا سوقۇشى، ۋۇگاڭنىڭ ئايدىكى لاۋېر دەرىخىنى كېسىشى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە ئاي شارى ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاۋا، سۇ دېگەنلەر يوق، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاي شارىنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن يۈزىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا127 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن183 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى300 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىلەر بىۋاسىتە ئايغا چىقىۋالىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي شارائىتتا ئاي شارىدا ئەلۋەتتە ھاياتلىقنىڭ ئىزى بولمايدۇ.
ئاي يۈزىنى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شەكلى يەر شارىدىكى يانار تاغ ئېغىزلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلاردىن جەمئىي30 مىڭدىن كۆپرەكى بار. ئادەتتە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى ياكى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئاي شارىدا يەنە ئون نەچچە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى6400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى9000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بىز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان ئاي يۈزىدىكى قارا داغلار »ئاي دېڭىزى« دېيىلىدۇ، ئۇ ئاي شارىدىكى تۈزلەڭلىك ياكى ئويمانلىقتىن ئىبارەت.
ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەڭ، يەنى3 .27 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈز يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاي ھەمىشە يەر شارىغا ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ.1969
- يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئا ق ش ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروئىگ بىلەن ئالدىرىن ئولتۇرغان »ئاپوللو −11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى75 سائەت50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئاخىر تۇنجى بولۇپ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىنسانلار ئاينىڭ پەيدا بولۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاي جىنسلىرى تەركىبىدە ئاليۇمىن، كالتسىي، سېلىتسىي، تىتان، ماگنىي، كالىي قاتارلىق66 خىل ئېلېمېنت بارلىقى، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، يەر شارى ئەڭ گۈزەل ئاسمان جىسىمى بولۇپ كۆرۈنگەن. يەر شارى كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان داڭلىق بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش، ئاي ئاسمىنىدا ئاجايىپ كۆركەم كۆرۈنىدىكەن، يەنى، قوڭۇر رەڭلىك قۇرۇقلۇقلار، زۇمرەتتەك دېڭىز - ئوكيان جۇلالىنىپ تۇرىدىكەن، يەنە بەزىدە نەچچە پارچە چىرايلىق بۇلۇت ئۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىكەن. قىسقىسى، ئاي شارىنى ئېكسپېدىتسىيە قىلغۇچىلارنىڭ يەر شارىنى «بىپايان ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ گۈزەل باغۇبوستان ئىكەن» دەپ تەرىپلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
»شەيئىلەر قۇياشتىن ئايرىلالمايدۇ« دېگەن سۆز بار. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئاينىڭ يەر شـارىـغـا كـۆرسىتىدىغـان تـەسىرى قۇياشنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنى بەرپا قىلغۇچى كۈچ قۇياشتىن ئەمەس، بەلكى ئايدىن كېلىدۇ.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقـى بـاش مـەھكـىـمـىـسىـدىكى ئالىم، دوكـتـور شىرپىئارسوننىڭ تەتقىق قىلىپ كۆرسىتىشىچە، قۇياش سىستېـمـىـسى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاي يەر شارىنىڭ تارتىشى بىلەن يـەر شـارىنىڭ ھەمراھىغا ئايلانغان. ئاي يەر شارىغا يېقىن تارتىلىش جەريانىدا، يەر شارىـغـا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاي شارى يەر شارىغا يېقىنلاشقانـدا، يـەر شارىدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا دېڭىز دولقۇنى كۈچلۈك كۆتۈرۈلۈپ - پەسەيگەن، بۇ خىل كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىـشـتـىـن پـەيـدا بولغـان غـايەت زور سۈركىلىش كۈچى تەسىرىدە يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېـز ئۆرلەپ، يـەر مەركىزى ئېرىگەن. يەر مەركىزىدىكى ماگمىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەمـدە كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئايلانما ھەرىكەت قىلغان، نەتىجىدە ماگنىت مەيدانى پەيدا بولغان، بۇ غايەت زور مـاگـنىـت مەيدانى يەر شارىدا »قوغـداش قـالـقـىـنـى«نـى شـەكىللـەندۈرۈپ، ئالـەم بوشلۇقىدىن كەلگەن رادىئاتسىيىنى ئاجىزلاتقان. ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت قوغداش قەۋىتى بولغاچقىلا يەر شارىدىكى جانلىقلار مەۋجۇت بولالىغان. ئەگەر بۇ قوغداش قەۋىتى بولمىغىنىدا سىرتتىن كەلگەن رادىئاتسىيە نۇرى تەسىرىدە يەر شارىدا ئەڭ دەسلەپتە بارلىـقـقـا كەلگەن ھايـاتـلىق بىخلىرى نابۇت بولغان بولاتتى.
بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ماگنىت مەيـدانى قوغداش قەۋىتى مەۋجۇداتلارنى قوغداپلا قالماستىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسـۈشىگىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ياپونىيىلىك ئالىملار كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىنىـڭ ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە مۇنداق تەجرىـبـە ئىـشـلـىـگـەن، ئۇلار پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ماگنىت مەيدانى كۈچلۈك مۇھىتتا بىخلاندۇرۇپ ئۆستۈرگەن، نەتىجىدە، ئۇرۇقنىـڭ بىخ چىقىرىشى تېزلەشكەن، ھوسۇل مـەزگـىـلى ئالـدىـغـا سـۈرۈلـگـەن، مەھسۇلاتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
بىر ئالىم كۆممىقوناق ۋە كۆك پۇرچاقنى9 يـىـل تـەتـقىق قىلىپ، ئاي تولۇشتىن2 كۈن بۇرۇن تېرىلغان كۆممىقوناقنىڭ ئاي تولۇپ2 كۈندىـن كېيىن تېرىلغان كۆممىقوناقتىن يوغان ئۆسىدىغانلىقىنى؛ ھىلال ئاي ۋاقتىـدا تېرىلغان كۆك پۇرچاقنىڭ ئادەتتىكـى چاغدا تېرىلغاندىكىدىن تـېـزراق سولىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنە بەزىلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىلىـق ئاي نـۇرى چۈشكەن زىرائەتلەرنىڭ ئاي نۇرىنى كۆرمىگەن زىرائەتلەرگە قارىغاندا تېـز ھەم ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئاي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىـلـىـشـىـگـىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە قىلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئاي زادى قانداق تەسىر كۆرسـىـتـىـدۇ؟ بـۇ تـا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ.
قەدىمكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 92 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن <ئاي> ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان (ئابلىز مەمەت: <يىلنامە لۇغىتى>، 9 - بەت).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۈندەش سۆز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاسترونومىيە
يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييراە، يۈزى ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ تەكشى ئەمەس، ئۆزى نۇر چىقارماي، قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدۇ. دىئامتېرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ تۆتتىن بىرىگە، تارتىش كۈچى يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
شەمسىيە ياكى قەمەرىيە يىلىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال).
ئايدا يېگەن توق بولار، كۈندە يېگەن ئاچ بولار (ماقال).
ئايغا ئوخشاش نۇرلۇق؛ چىرايلىق.
تۇرمۇشۇمنى باي قىلارسەن كەتمىنىم، ئېغىزىمنى ماي قىلارسەن كەتمىنىم، ياخشى تۇتۇپ ئاسرىۋالسام كەتمىنىم، يۈزلىرىمنى ئاي قىلارسەن كەتمىنىم.
ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ.
ئايخان، ئاينۇر، ئايگۈل، گۈزەلئاي، تۇرسۇنئاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاي (ئاسماندىكى ئاي)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاي، نۇرلۇق، پارلاق كىشى.